شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ!

图片[1]-شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ!-بايبول مۇنبىرى

شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەپتە (20-ئاپرېلدىن 26-ئاپرېلغىچە) پۈتۈن شىنجاڭدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

23-ئاپرېل كېچىدىن 26-ئاپرېل كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايون، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئارىلاپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، ئوتتۇرا، ئېگىز تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدىكەن، بۇ رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا ۋە تۇرپان شەھىرىدە 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدىكى شامال كۈچى 9 بالدىن 10 بالغىچە بولىدىكەن، ئۆتكۈنچى شامال 11 بالغا يېتىدىكەن. 25-ئاپرېل كۈندۈزدىن 26-ئاپرېلغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى شامال يەتتە بالدىن سەككىز بالغا يېتىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قۇم-بورىنى چىقىپ توپا ياغىدىكەن.

© 版权声明
THE END
ياقتۇرسىڭىز ھەمبەسىرلەپ قويۇڭ
点赞7 分享
ئىنكاس 共1条

请登录后发表评论

    暂无评论内容